Kendimi bu kadar çaresiz hissetmemiştim. Evimin kapısı ilk kez zulme açıldı. Huzurlu olan odamda kitap okurken kafama silahların doğrultulduğunun hissi karşısında çaresiz kaldım. En acısı da babamın kızıma dokunmayın bağırışını duyarken, annemin bembeyaz seccadesinde kanını görmemdi. Kimdim ben, kimdi benim ailem? Azmış bir katil mi, vatanına ihanet eden terörist mi? Ben Türk’üm, Uygur Türkü’yüm ve ben Müslümanım. Cani insanların eline düşmüş, cani insanların yaptıklarını seyreden insanlığın vicdansızlığının karşısında yaşama şansı olmayan Müslüman Türk’üm ben. Neydi benden, ailemden, huzurlu evimden istedikleri? Bu kadar işkence, zulüm nedendi?

  Babamı ve annemi görmüyorum, göremiyorum. Özlemek değildi bu kez yüreğimdeki, korku. Öyle bir korku ki bu, sanki kapkaranlık gecede ışıksız kalmışım gibi. Babam hep anlatırdı bana İslam’ı, mümin kardeşliğini. “Güzel kızım kim olursa olsun yardıma muhtaç olana yardım et bilhassa da din kardeşlerimize…” nerede benim kardeşlerim, hani yardım edecektik birbirimize? Duyun sesimi kardeşlerim. Annemi, babamı bulamıyorum, duyun sesimi kardeşlerim evimi bulamıyorum, duyun sesimi kardeşlerim! Ben tecavüze uğramak istemiyorum.

  Bugün beni büyük bir resmin karşısına getirdiler, benden o fotoğraftakine tapmamı istediler. Nasıl olur, bir insan bir insana nasıl tapar? Yapamadım, yapamazdım. Ben Allah’ın kulu Hz. Muhammed’in (s.a.v.)ümmetiyim, benim kitabım Kur’an-ı Kerim. Birden kafamda büyük bir acı hissettim, ne olduğunu anlamadım. Gözlerimi açtığımda hava kararmıştı ve ben kanlar içinde yatıyordum. O an bu dünyadan ve bu aciz insanlardan nefret ettim. Anlatmayı çok isterdim sesimi duymayan, gözleri bu zulmü görmeyen kardeşlerime; dinimi yaşadığım için, ülkemde kaldığım için cezalandırıldığımı. Yaşamanın sonsuz olduğuna inanan insanlığa insansız yaşayamayacaklarını anlatamıyorum. Haykırışlarımı, haksızlığa olan öfkemi susturamayan yüreğimin acısı “Dünya artık dursun!” dualarını ediyor.

  Affet Allah’ım, ben bu dünyadan nefret ediyorum!

ئۆزۈمنى بۇنچىلىك چارىسىز ھىس قىلىپ باقمىغان ئىدىم .
ئۆيىمىزنىڭ ئىشكى تۈنجى قېتىم زۇلۇمغا ئېچىۋېتىلدى .
ھۇزۇر بېغىشلايدىغان جىمجىت ئۆيۈمدە كىتاپ ئوقۇۋېتىپ  ناتونۇش كىشىلەر تەرپىدىن بېشىمغا قۇرال تەڭلەنگەندە ھەقىقى چارىسىزلىقنى تۇنۇپ يەتتىم .
  ئەڭ ئازاپلىقى بولسا دادامنىڭ قىزىمنى قويۇپ بىرىڭلار دەپ ۋاقىرىشى ، ئاپامنىڭ ئاپ ئاق جەينىماز ئۈستىدە قېپقىزىل قانلىرى بىلەن  جىمجىت يېتىشى بولدى  .
مەن كىم ئىدىم ؟
مىنىڭ ئائىلەم كىم ئىدى  ؟
بىر جىنايەتچىمۇ؟
ياكى ۋەتىنىگە خىيانەت قىلغان بىر تېرورچىمۇ؟
مەن پەقەتلا بىر تۈرۈك ، ئۇيغۇر تۈركى ۋە بىر مۇسۇلمان. مەن  ھاياتى رەھىمسىز ئىنسانلارنىڭ قۇلىدا ئوينىتىلىۋاتقان ۋە بۇلارنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇپمۇ ئاۋازىنى چىقىرىپ قويمىغان  ۋىجدانسىز ئىنسانلىق ئالدىدا ياشاش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان بىر مۇسۇلمان تۈركى .
نىمە ئىدى مەندىن ۋە ئائىلەمدىن تەلەپ قىلدىغانلىرى ؟ ئامماقچى بولغانلىرى؟
بۇنچىلىك زۇلۇم ۋە قىيىن قىستاقنىڭ سەۋەبى زادى نىمە ؟
…………………………………….
ئاپام ۋە دادامنى كۆرەلمەيمەن، كۆرەلمەۋاتىمەن. 
بۇ قېتىم يۈرۈگۈمنى چىرمىۋالغىنى سېغىنىش ئەمەس، بەلكى قورقۇش .شۇنداق ۋەھىمىلىك بىر قورقۇش .  خۇددى ئۆزۈمنى قاپ قاراڭغۇ بىر ھۇجرىدا ياپ يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلۋاتىمەن .
 
دادام ماڭا دائىم ئىسلام ۋە مۆمىن قېرىنداشلىرىم ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى.  “جېنىم قىزىم كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر مۇھتاج بولغانلارغا ياردەم قىل بولۇپ ئۆزۈڭنىڭ دىن قېرىنداشلىرىغا” دەيتتى. 
قېنى مىنىڭ قېرىنداشلىرىم؟
قېنى ياردەم قىلىتتۇققۇ بىر بىرىمىزگە؟
ھەممىمىزنىڭ بىر جىسىم بولغىنىمىز يالغانمىتى ئەجىبا؟
  ئەي مۆمىن قېرىنداشلىرىم ؛ باشقىلار گاس بۇلۋالسىمۇ سىلەر بولسىمۇ ئاۋازىمغا ئاۋاز بۇلۇڭلار .
ئەي ئىنسانلىق ؛  بۈگۈن سىلەر زادى  قەيەرگە كەتتىڭلار ؟
ئاۋازىمغا بۇ نىدارىمغا ،چارىسىزلىكىمگە  قۇلاق سېلىڭلار. ئانامنى، دادامنى تاپالماۋاتىمەن.
مەلئۇنلار قۇلۇمىزدىن تارتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى چېرايلىق ،ھۇزۇرلۇق ئۆيۈمنىمۇ تاپالماۋتىمەن. 
بۇ نىدارىمغا قۇلاق سېلىڭلار مىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچۇرغۇم  يوق……!
بۈگۈن مىنى چوڭ بىر رەسىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىشتى ۋە مەندىن ئۇ رەسىمدىكى ئىنسانغا تازىم قىلىشىمنى سورىدى .
  بۇ قانداق بولىدۇ.  بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنسانغا قانداقمۇ تازىم قىلىپ ئۇنى ئىلاھ دەپ ئىتقاد قىلالىسۇن.
مەن ئۇلانىڭ دىگىننى قىلمىدىم.  قىلالمايتتىم. 
مەن بولسام مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈممىتى. 
مىنىڭ كىتابىم قۇرئان كەرىم . ………….
تۇيۇقسىزلا كاللامغا بىر نەرسىنىڭ تىگىشى بىلەن قاتتىق بىر ئاغرىق ھسى قىلدىم . نىمە بولغىننى ئاڭقىرالماستىن يېقىلدىم………
كۆزۈمنى ئاچقان ۋاقتىمدا ئاللىبۇرۇن كەش كىرىپ بوپتۇ .مەن بولسام قان ئىچىدە يېتىپتىمەن. 
دەل شۇ ۋاقىت بۇ ئاجىز دۈنيا ۋە ئىچىدىكى شۇ رەھىمسىز ئىنسانلاردىن نەپرەتلەندىم. 
بۇلارنى ئاۋازىمنىڭ بارىچە تولاپ ئاڭلىتىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم.  نالىلىرىمنى ئاڭلىيالمىغان، پەريادىمغا يىتەلمىگەن ، كۆزلىرى بىلەن بۇ  ۋەھشى،  ئىنسانلىقتىن چىققان زۇلۇملارنى كۆرۈشكە قادىر بۇلالمىغان قېرىنداشلىرىمغا.
دىنىنى قوغدىغىنىم ۋە ئۆز دۆلىتىمدە نەپەس ئېلىپ يۈرگۈنۈم ئۈچۈن شۈنچە مۇشەققەت ۋە ئەزىيەت چەككىنىمنى. 
ئەمما ياشاشنىڭ تۈگىمەس پۈتمەس بولغىنىغا ئىشەنگەن بۇ ئاجىز ئىنسانلىققا ئىنسانسىز ياشىغىلى بولمايدىغىننى چۈشەندۇرەلمىدىم. 
ئىچىمدىكى ئاچچىق ئىسيان ، بۇنچە ھەقسىزلىقنى ھەزىم قىلالمايۋاتقان ، ئازاپتىن ئۆرتۈنۈپ تۇرالماۋاتقان يۈرۈگۈم ” دۈنيا ، بۇ دۇنيادىكى ھەقسىزلىق ئەمدى تۈگىسۇن” دۇئالىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 
مىنى كەچۈر يا رەببى . مەن بۇ دۇنيادىن نەپرەتلىنىمەن ! 

Yorumlar

  1. Diliruba 12 Mart 2021 at 3:28 pm

    Eline, diline ve dahi kalemine sağlık eserin muhteşemliğinin yanında eseri bir de uygurca çevirisi ile yayımlamanız ayrıyeten takdire şayandır.

    Cevapla
    1. Ebru Can Demir - Yazar 12 Mart 2021 at 3:41 pm

      Çok teşekkür ederim efendim. Umarım birazda olsa acılarına tercüman olmuşumdur.

      Cevapla

Yorum Bırak

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir